Drupal نىڭ2011-يىللىق ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە تەڭشەش خۇلالىسى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەت
2011-يىلنىڭ باشلىرىدا <> دىگەن تېمىدا بىر خاترە يوللىغان ئىدىم.مانا بۇنىڭغىمۇ بىر يىل توشۇپ قالدى. ئەمدى 2011-يىلىدىكى ئىشلارنى خۇلاسىلەپ، 2012-يىللىق تەسەۋۇر، پىلان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى.
2011-يىلىدا، <<ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق>> دىگەندەك ،خىزمەت، تۇرمۇش ،ئۈگىنىش ۋە باشقا ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئەسلىدىكى پىلاننىڭ بىر قىسمى ئورۇندالماي كەلدى. مۇشۇ چەتئەللىك opensourse پروگرامىرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى مەن بىلەن ئوخشاشمىدۇ دەپ بەزىدە گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن.....
2011-يىلى قىلغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە بولدى:
1.Drupal نىڭ تىل بولىقى ھۆججەتلىرى دەسلەپتە خەنزۇ تىلى تەرجىمىسى ئاساسىدا،ئېنگلىزچە تىل ھۆججەتلىرىدىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلنىپ تەرجىمە قىلىنىشقا باشلانغان ۋە خەنزۇ تىلىدىكى سۆزلۈك ۋە جۇملىلارنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئۇدۇللۇق باستۇرۇلۇپ يېزىلىۋاتقان ئىدى.ھازىرغىچە تەخمىنەن 20% ئەتراپىدا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان بولۇپ،كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم بېكەت قۇرغاندا دائىم ئىشلىتىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ تەرجىمىسى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ، Drupal باش بېكىتىگە يوللىنىلىپ،تەكشۈرۈش ۋە تەستىقتىن ئۆتتى.Drupal نىڭ يېڭى نەشرىنىڭ يېڭىلىش سۈرئىتى بويىچە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن، Drupal باش بېكىتى drupal.org دىن ئايرىم بىر سەھىپە تەسىس قىلىندى ۋە تەرجىمە گورۇپپىسى قۇرۇلدى، تەرجىمە سەھىپىسىدە ھازىر 2 ئادەم بار، تەرجىمە گورۇپپىسىدا ھازىر 5 ئادەم بار.
تەپسىلاتى بۇ يەردە:
تەرجىمە سەھىپىسى:
http://localize.drupal.org/translate/languages/ug
تەرجىمە گورۇپپىسى:
http://groups.drupal.org/uyghur
2. تېخنىكىلق تەڭشەش جەرياندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە فونتنى تونىتىش ۋە ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈش مەسىلىسى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى.سېستىما قېلىپىدىن بىرسىگە ئۇسلۇب تەڭشەش ئارقىلىق eot ھۆججىتى ئۇلاندى.ckeditor ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل بولغان بولدى.
3.ئۆز كومپيۇتېرىمدا قاچىلاش ۋە تەڭشەش ئارقىلىق ،سېستىما ئۇستىگە بلوگ،مۇنبەر،ھويلا ،قامۇس،پىكىر دەپتىرى ۋە كۆپ تىللىق مەزمۇن يېزىش قاتارلىق ئىقتىدارلار يۈكلەندى.
4. .كۆپ قوللىنىلىدىغان سېستىما ئېىقتىدارلىرىدىن cck,views,panel,ubercartۋە كۆپ تىللىق مەزمۇن يېزىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ تىل ھۆججىتى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.
5. 3.Drupal سېستىمىسىنى تونۇشتۇرۇش ،تەشۋىق قىلىش ۋە ئىشلىتىش-ئەمىلىي قوللىنىلىش خىزمىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى. گەرچە يوللانغان تېما ۋە مەزمۇنلار ئازراق بولسىمۇ، لىكىن ئاز-تولا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.
6. Drupalبىلەن بلوگ قۇرۇش،مۇنبەر قۇرۇش،كۆپ تىللىق كىچىك،ئوتتۇرھال ۋە چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى قۇرۇش لايىھەسى،مىخانىزىمى ۋە workflow ھەمكارلىشىپ كۆپ بلوگلۇق،كۆپ مۇنبەرلىك بېكەت قۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدەندىم، لىكىن كۆرگەن، بىلگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى تېخىچە ئايرىم تېما سۈپىتىدە يوللاپ بولالمىدىم.
7.Drupal نى شېركەت،كارخانىلەرگە يۇزلەندۇرۇپ،تور سودىسى ئىقتىدارى قوشۇلغان ئۇنۋېرسال شېركەت ،كارخانا تور بېكىتىنى قۇرۇش ئۇسۇلى ئۇستىدە ئاز-تولا ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئەمىلىي ھەركەت ئاز بولدى.
ئەمدى 2012-يىللىق پىلان تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
1.Drupal نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە ۋە قوللاش مەخسۇس بېكىتى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ھازىر تەييارلىق خىزمەتلەر جىددى ئىشلىنىلىۋاتىدۇ.
ھەممە ئىشلار ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولسا، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مەزكۇر تور بېكەت كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.
ھازىرقى ۋاقىتلىق مەنزىل:
http://druig.w169215.dns558.com/
Drupal نىڭ تەرجىمە ئىشلىرى دەسلەپتە نۇرقۇت تورىدا ، ئايرىم بىر تۈر سۈپىتىدە، مەخسۇس سەھىپە قۇرۇلۇپ، تەرجىمە ئىشلىرى باشلانغان ئىدى. مەزكۈر سەھىپىگە داۋاملىق يېڭى تېما ۋە مەزمۇنلار يوللىنىلىدۇ.
2011-يىلى تاماملانمىغان خىزمەتلەر داۋاملاشتۇرىلىدۇ.
