تور بېكەت قۇرۇش ئەپلىرى(apps) توغرىسىدا قىسقىچە بايان(2)
تۆۋەندە تور بېكەت ئەپلىرىنى يېزىش ياكى بىرلەشتۇرۇش جەريانىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي:
1. ئالدى بىلەن تور بېكەت قۇرۇشتىكى ئېھتىياج(ئادەتتىكى ۋە ئالاھىدە ئېھتىياج) ، كىيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە تەلەپ ئانالىز قىلىنىلىدۇ. بۇ بىر چوڭ ۋە مۇرەككەپراق جەريان بولۇپ، تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى، تېخنىكىسى، تەلەپ-ئېھتىياجى، تور بېكەت خاراكتىرى ۋە ۋەزىپىسى، شۇنداقلا كىيىنكى مۇلازىمەت تەلىپى ئۇنۋېرسال ئانالىز قىلىنىلىدۇ.
2. 1-باسقۇچتىكى ئانالىز نەتىجىسىگە ئاساسەن تور بېكەت ئەپلىرىنىڭ مەزمۇنى، قۇرۇلمىسى، مەشغۇلات تەرتىپى ۋە باشقىلار بىر گەۋدىلەشتۇرۇلۇپ، پروگرامما بوقچىسى تەييارلىنىلىدۇ.
3. ئەپلەرنىڭ مەشغۇلات قوللانمىسى تەييارلىنىلىدۇ.
4. ئاۋال توردا كۆرگەزمە قىلىنىلىپ، تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
مەسىلەن:
بلوگ قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن، wordpress ۋە باشقا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بلوگ سېستىمىلىرى( xxblogدىگەندەك) تەييارلىنىلىدۇ، ئاندىن قۇرۇلماقچى بولغان بلوگنىڭ خاراكتىرى ۋە ۋەزىپىسى، زىيارەتچىلەر ئوبېكتى(يەنى شەخسى بلوگ ياكى كۆپ كىشىلىك بلوگ بولسا، قوشۇلىدىغان ئۇسلۇب، قىستۇرما ۋە باشقا ئىقتىدارلار ئوخشاش بولمايدۇ، بلوگ مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە چېتىلسا، ئۇسلۇبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل، تور تېخنىكىسى ۋە باشقىلار....).
مۇنبەر قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن، ھازىر كەڭ قوللىنىلىۋاتقان مۇنبەر پروگراممىلىرىدىن Discuz,phpwind,phpBB,vBulletin ۋە باشقا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان مۇنبەر پروگراممىلىرى بار. قۇرۇلماقچى بولغان مۇنبەرنىڭ خاراكتىرى ۋە ۋەزىپىسى، زىيارەتچىلەر ئوبېكتى(يەنى مۇنبەرگە يوللىنىلىدىغان تېما ۋە مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە چېتىلسا، ئۇسلۇبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل، تور تېخنىكىسى ، ناخشا-مۇزىكا، كۆڭۇل ئېچىش ۋە باشقىلار.... ،مۇنبەر پروگراممىسىغا قوشۇلىدىغان ئۇسلۇب، قىستۇرما ۋە باشقا ئىقتىدارلار ئوخشاش بولمايدۇ).
لىكىن ھازىر بىزدە مۇنبەر ۋە ئاز-تولا CMS ئىقتىدارى قوشۇلغان پروگراممىلار بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئۇنۋېرسال تور بېكەت قۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە قۇرۇلغان تور بېكەت پروگراممىسى ئۈستىگە كىيىنكى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشاش بولمىغان پروگراممىلارنى بىر-بىرسىگە قوشۇپ، تور بېكەت ئىقتىدارىنى تولۇقلايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. مەسىلەن: wordpress ئۈستىگە باشقا مۇنبەر پروگراممىسىنى قوشۇدىغان، DedeCMS بىلەن Discuz نى قوشۇدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى.ھەتتا تور بېكەت قۇرۇلۇپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن،يېڭى بېكەت سېستىمىغا كۆچىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ھەل قىلىش چارىسى بولۇپ، تور بېكەتنىڭ دەسلەپكى پىلانلىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئەتراپلىق بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان قولايسىزلىقلارنى بىر دەملىك ھەل قىلالايدۇ، لىكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس.
بلوگ ۋە مۇنبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى ئالمىغان تور بېكەت قۇرۇشتا، ئالدى بىلەن تور بېكەتنىڭ مەزمۇنى، خاراكتىرى، زىيارەتچىلەر ئوبېكتى،تېما ۋە مەزمۇننىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى، تور بېكەتنىڭ پروگرامما ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى ، پروگراممىنىڭ يېڭىلىنىش دەرىجىسى، تور بېكەت پروگراممىسىنى قوللاش ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دەرھال ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ئويلىشىش ئارقىلىق ، ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان پروگرامما سېستىمىسىنى تاللاش كېرەك.
Discuz بىلەن تور بېكەت قۇرغىلى بولسىمۇ، لىكىن ھەممە تور بېكەتلەرنى قۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ.
Wordpress بىلەن بلوگ قۇرغىلى بولسىمۇ، ھەممە ساھەلەردىكى بلوگنى قۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە پروگرامما سېستىمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.
ئىلگىرى نۇرقۇت تورىدا ‹‹بېكەت سېستىمىسى مۇھىممۇ ياكى مەزمۇنمۇ؟›› دىگەن تېمىدا بىر يازما يوللانغان ئىدى. مېنىڭچە بېكەت سېستىمىسى پروگراممىسى ۋە بېكەت مەزمۇنىنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇنداقتا تور بېكەت قۇرۇشتا، بېكەت سېستىمىسى ۋە ئەپنى قانداق تاللاش كېرەك؟
(تور بېكەتلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن ئۆزەم ئويلاپ يەتكەن بىر نەچچە كەسپى ساھەنى مىسالغا ئالدىم.)
1. ھۆكۈمەت، شېركەت،كارخانا، ئىدارە-ئورگان تور بېتى.
بۇ تۈردىكى تور بېكەتلەرگە CMS سېستىمىلىرى ماس كېلىدۇ. ھازىر بىزدە يېزىلىۋاتقان ،تەرجىمە قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان CMS سېستىمىلىرى خېلى كۆپ. مەسىلەن:ئىلغار cms , phpsms, ,dedecms, Joomla,Drupal ۋە باشقىلار.
2. ئالى مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، تور دەرسخانسى ۋە باشقا ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئائىت تور بېكەتلەر.
بۇنىڭدا بارلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى توردا ئېلىپ بېرىلىپ، قەغەزسىز ئىش بىجىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.
3. تۈرلۈك گېزىت-ژورنال، تېلىۋىزىيە، رادىيو ۋە باشقا مىدىيە تور بېكەتلىرى.
بۇنىڭدا يەنىلا ئاساسلىقى قەغەزسىز ئىش بىجىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن: تەھرىر بۆلۇمنىڭ بارلىق خىزمەت پائالىيەتلىرى تور يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، توردا ئەسەر قوبۇل قىلىنىلىدۇ، تەھرىر ۋە مۇھەررىرلەر توردا تەھرىرلەيدۇ، ئاپتور بىلەن ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تۇرالايدۇ، ئەسەرنىڭ تەھرىرلىنىش ۋە ئۆزگەرتىلىش ئەھۋالىنى تور يۈزىدە بىلىپ تۇرالايدۇ، ئەسەرنىڭ قايسى ئىش ھالقىسىدا تۇرغانلىقىنى بىلىپ تۇرالايدۇ. تەھرىرلەش ئاياقلىشىپ، مۇھەررىر ۋە كوررېكتورلار كۆرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئەسەر تور يۈزىدە html ،pdf ياكى باشقا فورماتتا دەرھال(قىسقىچە مەزمۇنى ياكى تولۇق تېكىستى) ئېلان قىلىنىدۇ.......
4. ئىجتىمائى ئالاقە تور بېكەتلىرى.
5. يان تېلىفون زىيارەت قىلىدىغان تور بېكەتلەر ياكى يۇقۇردىكى تور بېكەتلەرنىڭ يان تېلىفون نۇسخىسى.
6. توردا يىغىن ئېچىش، توردا كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش،توردا ئىش بىجىرىش.
7. .تور دۇكانلىرى
8. باشقا ساھەلەر
ئەمدى بۇنداق تور بېكەتلەر ئۈچۈن قايسى تور بېكەت سېستىمىسىنى تاللاش ۋە ئىشلىتىش كېرەك؟
تۈرلۈك بېكەت سېستىمىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە ئۆزەم تونۇش بولغان بىر سېستىمىنى مىسال قىلىمەن.
ئالدى بىلەن ياخشى بىر CMS تاللايمىز(ئەلۋەتتە، ئالاھىدە ئېھتىياج ۋە باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن باشقا تۈردىكى پروگراممىلارنى تاللىساقمۇ بولىدۇ). بۇ CMS نىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇنداق بولىشى كېرەك:
سىغىمى كىچىك، قوللاش ئېغىزى كۆپ، ئىلاستىكىلىقى كۈچلۇك، بىخەتەر، كۆپ خىل تىلنى قوللايدىغان بولىشى، تەرجىمە قىلىش، تەڭشەش، ئىقتىدار قوشۇش ۋە كېڭەيتىش ئاسان بولىشى، مەخسۇس قوللاش ۋە ياردەم بېرىش(ھەقلىق ياكى ھەقسىز) تور بېكىتى بولىشى، كەڭ ئومۇملاشقان، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، يېڭىلىنىش سۈرئىتى تىز، قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشتا تېخنىكىلىق تەلىپى تۆۋەن بولىشى كېرەك.
مەن بۇ يەردە مىسالغا ئالماقچى بولغان سېستىما Drupal CMS بولۇپ،( باشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى Drupal CMS سەھىپىسىدىن كۆرۈڭ)، Drupal CMS نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىلىكى ئۇنىڭ ئىلاستىكىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، يەنى ئۇنى ‹‹ پۇرژىنىغا ئوخشاش سوزغىلى ۋە قىسقارتقىلى بولىدۇ››. ھازىر دۇنيا مىقياسىدا نەچچە مىڭلىغان خالىس پروگرامما ئۇستىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى داۋاملىق قوشۇلۇپ ۋە مۇكەممەللىشىپ بارماقتا. Drupal CMS نى بىر ئۆيگە ئوخشاتساق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئاددى بىر ئېغىز ئۆي سالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا كۆپ قەۋەتلىك بىنا سالغىلى بولىدۇ،ئاندىن بۇ ئۆينى ياتاق ياكى مېھمانخانا قىلغىلى بولىدۇ، ياكى رېستوران قىلساقمۇ، تاللا بازىرى قىلساقمۇ، دۇكان قىلساقمۇ، مەكتەپ-سىنىپ قىلساقمۇ، ئىشخانا قىلساقمۇ بولىدۇ. بۇ جەرياندا، كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، Drupal CMS نىڭ يادرولۇق سېستىما پروگراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزنىڭ تور بېكەت قۇرۇش ئېھتىياجى بويىچە،خالىغان بىر قىستۇرما، كېڭەيتىلگەن ئىقتىدار ۋە ئۇسلۇبلارنى يۈكلىسەك بولىدۇ. Drupal CMS سېستىمىدا، باشقا بەزىبىر CMS لارغا ئوخشاش،‹‹بەش قولنى ئېغىزغا تەڭ سېلىۋېلىپ››،دەسلەپتىلا ھەممە ئىقتىدارلارنى سېستىمىغا يۈكلەپ ۋە سىڭدۇرۋېتىپ،سېستىما ھۆججەت سىغىمىنى چوڭايتىۋېتىدىغان ياكى ئالاھىدە سېستىما مۇھىتى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدىغان، تەڭشەش ۋە تاللاشنى مۇرەككەپلەشتۇرىدىغان ئەھۋال يوق. خالىساق ئۆزىمىزگە لازىم ئىقتىدارلارنى قاچىلايمىز، خالىمىساق قاچىلىمايمىز.
يەنە بىر تەرپتىن، Drupal CMS سېستىمىسىدا، يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان تور بېكەت تۈرلىرىگە مۇناسىپ ھالدا، قىستۇرما ۋە كېڭىيتىلگەن ئىقتىدارلار تەييارلانغان بولۇپ، تور بېكەتنىڭ خاراكتىرى بويىچە ئوزىمىز تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
مەسىلەن:
Drupal CMS سېستىمىسى ئاساسىدا يېزىلغان ۋە ئورگانىك بىرلەشتۇرۇلگەن تور بېكەت قۇرۇش ئەپلىرى ھازىرچە تۆۋەندىكىچە:
(ھەممە ئەپلەرنىڭ سېستىما يادروسى Drupal CMS دىن تۈزۈلگەن، ھەم ئوخشاش بولمىغان تور بېكەت ساھەسى ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان قىستۇرما ۋە كېڭىيتىلگەن ئىقتىدارلار قوشۇلغان).
1.Dev Desktop: بۇ ئاساسلىقى Windows ۋە Mac OS دا قاچىلايدىغان پروگرامما بوقچىسى.
2.Commons:: بۇ بولسا،مەخسۇس كوللىكتىپ ۋە ئىجتىمائى ئالاقە تور بېكەتلىرىدە قوللىنىلىدۇ، blog,wiki,calendar ۋە باشقا نۇرغۇن قىستۇرما ۋە كېڭىيتىلگەن ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
3.Drupal Gardens:بۇ ئالاھىدە ئۇسلۇب ياسايدىغان تور بېكەت. Drupal CMS ئۈچۈن ھەقلىق ۋە ھەقسىز ئۇسلۇب تارقىتىدۇ.
4.COD: توردا يىغىن ئېچىش، توردا كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش،توردا ئىش بىجىرىش .....قاتارلىق كەسىپلەرنى بىجىرىدىغان تور بېكەتلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگرامما بوقچىسى.
5.OpenScholar: مەخسۇس ئالى مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، تور دەرسخانسى ۋە باشقا ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئائىت تور بېكەتلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگرامما بوقچىسى..
6.OpenPublish: مەخسۇس ھۆكۈمەت، شېركەت،كارخانا، ئىدارە-ئورگان، تۈرلۈك گېزىت-ژورنال، تېلىۋىزىيە، رادىيو ۋە باشقا مىدىيە تور بېكەتلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان پروگرامما بوقچىسى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە يان تېلىفون زىيارەت قىلىدىغان تور بېكەتلەر،.تور دۇكانلىرى ئۈچۈن يېزىلغان ۋە تەييارلانغان ئىقتىدارلار بار بولۇپ، سېستىما يادروسى Drupal CMS ئۈستىگە قاچىلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
يەنە بۇنىڭدىن باشقا سېستىما يادروسى Drupal CMS بولغان، مەن تېخى بىلمىگەن ، ئاڭلىمىغان ۋە كۆرمىگەن نۇرغۇن ئەپلەر بولىشى مۇمكىن.
