ئالدى بىلەن مەزكۇر يازمىنىڭ تېمىسىدا تىلغا ئېلىنغان ئەپ(app)نى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتەي:
بۇ يەردە بايان قىلىنماقچى بولغان ئەپ(app) دىگىنىمىز، ئادەتتە بىز os, android, windows mobile قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرى قاچىلانغان iphone, galaxy, htc ۋە باشقا ماركىلىق ئەقلىي ئېقتىدارلىق يان تېلىفونلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىلىدىغان چوڭ-كىچىك application program لارنى كۆرسىتىدۇ.
(ھازىرقى كۆپ ئۇچرايدىغان يان تېلىفون ئەپلىرى)
应用程序application program的简称,由于iPhone智能手机的流行,现在的APP多指第三方智能手机的应用程序。目前比较著名的App商店有Apple的iTunes商店里面的App Store,android的Google Market,诺基亚的ovi store
ئەمدى يان تېلىفون ئۈچۈن يېزىلغان، چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەنگەن(ھەقلىق ياكى ھەقسىز)، پەقەت مەلۇم بىر يان تېلىفون ياكى تاختا كومپيۇتېردىلا ئىجرا بولىدىغان ئەپ(app)نىڭ تور بېكەت قۇرۇش بىلەن نىمە مۇناسىۋېتى بار؟
بۇ يەردىكى تور بېكەت قۇرۇش ئەپلىرى(apps) دىگىنىمىز، تور بېكەت قۇرغۇچىلار ئۇچۇن قاچىلاش، تەڭشەش، ئىشلىتىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلار ئەڭ ئاددى ھالەتكە كەلتۇرۇلگەن تەييار سېستىمىلار(preinstall package,预装系统) دۇر.
ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرۇش تەييارلىق باسقۇچىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر تۆۋەندەكىچە:
1. ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تور بېكەت ۋە تور بەتلەرگە ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تونىتىش كېرەك.ئاندىن تېما ۋە ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تەھرىرلىگۈچلەرگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيدىغان قىلىش كېرەك.(يەنى eot ھۆججىتىنى ئۇلاش ۋە bedit.js نى قوشۇش،css نى تەڭشەش قاتارلىقلار....). بۇلارنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر بېكەت پروگراممىسىغا يۇقۇرقىلار قوشىۋېتىلسە، تور بېكەت قۇرۇشتىكى تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ.
2. ئۇيغۇرچە تور بېكەت قۇرۇش ئۈچۈن يەنە بېكەت سۇپىسى پروگراممىسىنى ياخشى تاللاش كېرەك. ھازىر ئاساسلىقى Discuz, phpwind, wordpress ۋە باشقا بىر قىسىم پروگراممىلار كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. قەيەرگە قارىسا ئوخشاش. ئەسلىدا ناۋاينىڭ تونۇرى بىلەن كاۋاپچىنىڭ كاۋاپدىنى ئوتتۇرسىدا پەرق بولىشى كېرەك ئىدى.لىكىن بىزدە ھازىر ئۇنداق بولماي كېلىۋاتىدۇ. نۇرقۇتتا بەزىدە‹‹ پالانى مېنىڭ بېكىتىمنىڭ ئۇسلۇبىنى ئوغۇرلىۋالدى، مېنىڭ تور بېكىتىمنى ئۆز ئەينى كۆچۇرۋالدى›› دىگەندەك ئەرىز-شىكايەتلەرنى كۆرۇپ تۇرىۋاتىمىز. ‹‹تازنىڭ نىمىسى بار دىسە تۆمۈر تاغىقى›› دەپتىكەن. بىزدە بار يوقى بىر نەچچە پروگرامما تەرجىمە قىلىنغان تۇرسا، مۇتلەق كۆپ قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ كۆرىنىشى ئوخشاش بولماي قالامتى؟بۇ يەردە ئاساسلىق مەسىلە يەنىلا تور بېكەت قۇرۇشتىكى تېخنىلىق قىيىنچىلىق بولغاچقا، ئۆزئارا دوراشنى ئەڭ ئاسان يول قىلىپ قويدى. مەن بۇنى بىزدىكى ناخشا-ئۇسۇل، كۆمپيۇتېر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇنۋېرسال بېكەتنىڭ كۆپ بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دەپ قارايمەن.
3. تور بېكەت قۇرغۇچىلاردا ئۆز تور بېكىتى ئۈچۈن قايسى سېستىما مۇۋاپىق كېلىدۇ دىگەن كۆز-قاراش كەمچىل.
ھازىر بىزدە
تور بېكەت = Discuz
بلوگ= wordpress
قارا-قويۇق تور بېكەت قۇرىدىغانلار كۆپ بولىۋاتىدۇ.
تور بېكەت قۇرۇش ئەپلىرى(app) توغرىسىدا قىسقىچە بايان (داۋامى)
ھازىر بىزدە
تور بېكەت = Discuz
بلوگ= wordpress
دىگەن ئەندىزە بويىچە تور بېكەت قۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. ئۇنۋېرساللىق ، تەكرارلىق ۋە تۈرلۈك ئىسراپچىلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتتى.ئوخشاش ئۇسلۇب ۋە ئوخشاش مەزمۇندا قارا-قويۇق تور بېكەت قۇرىدىغانلار كۆپ بولىۋاتىدۇ.
بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بېكەت سۇپىسى سېستىمىلىرى گەرچە دەسلەپكى ئاددىلىقتىن، كۈنسىرى يېڭىلىنىپ،ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتى ۋە ئۇنۋېرساللاشتى دىگەندىمۇ، بىر خىل تور بېكەت سېستىمىسىنى ھەرقانداق تور بېكەت قۇرۇشقا ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا تور بېكەت قۇرغۇچىلار ئۈچۈن، ھەقسىز، قولايلىق، ئىشلىتىش ئاددى ۋە تېخنىكىلىق تەلىپى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈلگەن تور بېكەت قۇرۇش پروگراممىلىرى مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن ئورگانىك بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
تور بېكەت قۇرۇش ئەپلىرى(app) نى يېزىش، ئۆزئارا قوشۇش ۋە بىرلەشتۇرۇش ھەم شۇنداقلا ئېلان قىلىشنىڭ قانداق زۆرۈرىيىتى بار؟
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ھازىر ئېنتىرنېت تورىدىن مەيلى قايسى تىلدا بولسۇن، ھەرقانداق ئۇچۇرنى تاپقىلى بولىدۇ. ھازىرقى بېكەت سۇپا پروگراممىلىرىمۇ خېلى ياخشى يېزىلغان بولۇپ، تۈرلۈك ئېھتىياجلاردىن چىقالىسىمۇ، ھازىرغىچە eot نى قانداق ئۇلاش، تۈرلۈك تەھرىرلىگۈچلەرگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ...قاتارلىق مەسىلىلەر دائىم ئوتتورىغا قويۇلۇپ، جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرماقتا.
شۇڭا
1. ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن، تور بېكەت قۇرۇش ئەپلىرى(app) زۆرۈر بولىدۇ. eot دىن تارتىپ، ئۇسلۇب، قېلىپ تەڭشەش، كۆركەملەشتۈرۈش ۋە باشقا زۆرۈر تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلار ئۇستاملار تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغاندىن كىيىن، app نىڭ ئىچىگە قوشۇۋېتىلگەن بولىدۇ.ئىشلەتكۈچىلەر پەقەت next,يەنە next كونوپكىسىنى بېسىپلا پروگراممىنى قاچىلىيالايدۇ ۋە ئاددى تەڭشەش ئارقىلىق تور بېكەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىقالايدۇ.
2. ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن، ئەسلىدىكى بېكەت سۇپىسى پروگراممىسى ئاساسىدا، ئالاھىدە ئۇسلۇب، قىستۇرما، كېڭەيتىلگەن ئىقتىدار ۋە باشقىلارنى ئۈستىگە يۈكلەپ قوشۇۋەتكەندىن كىيىن ،يېڭى بىر app نى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
(داۋامى بار)
